ئۇيغۇرچە | 汉语 پالگان ئېلان بەلگە چەكلىك شىركىتى ئورگان تور بىتىگە كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز 13669908207 palgan@gmail.com

قىرسىز خەت

يوللانغان ۋاقىت : 2016/06/20            كۆرۈلىشى : 6966قىتىم

 نەپىس قىرسىز خەت ئادەتتە ئالىيومىن ياكى داتلاشماس پولات بىلەن قاپلىنىپ ياسىلىدىغان بولۇپ، خەت يۈزىدىكى ياكىلى ئۇيۇپ ياسىلدۇ، ياكىلى بولسا چىدامچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، سىرتقى يۈزى قاتتىق ۋە پارقىراق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان، ياكىلى تاختاينىڭ تۈرلىرى كۆپ، رەڭلىرى مول، سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ. ئالىيومىن ياكى داتلاشماس پولاتنىڭ سىرتقى قەۋەت يان بەلبېغىنى سىرلاپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. (تۆمۈر، قېلىپلاشقان ئاليۇمىن، داتلاشماس پولات، مېتال) ئېگىلگەن جايلىرىنى ئۈسكۈنە ياكى قول بىلەن ئىگىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. يان بەلبېغىنىڭ ھەر خىل رەڭلىرىنى تاللىغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ ئېلان خېتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئۈنۈمى بار، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. رەڭ پارقىراقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئاليۇمىن سۈپىتى ياخشى، ئۈستى ياكىلى تاختىنى يان بەلباغ بىلەن ئىككىسنى مەخسۇس يىلىم ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ خەت شەكىلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن تەييار قىلغان (ئالىيومىن ياكى PVCتاختا)  تەگلىك تاختىغا چىراغ چاپلىنىپ تاختاينى خەت ئارقا يۈزى تەرىپىگە يىلىم ياكى مىخ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ يامغۇر تامچىسىنىڭ ئىچكى توك مەنبە قۇرۇلمىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرشىدىن ساقلايدۇ. قىرسىزخەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ياسىلىش جەھەتتە بىرقەدەر ئاددىي بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن باھاسى ئەرزان، كۈرۈنۈشىكە زامانىۋىلىق تۈسى ئالغان بولۇپ ئاساسلىقى مەكتەپ، سودا-ساراي، مېھمانخانا، دوختۇر خانا، ئىدارە-ئورگان قاتارلىق جايلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا بەكرەك ماس كېلىدۇ.

ئالاقىلىشىش | مۇلازىمەتلىرىمىز | سۆز قالدۇرۇش | شىركەت ھەققىدە 工信部备案系统网址 بارلىق ھوقۇق پالگان ئېلان بەلگە چەكلىك شىركىتىگە تەۋە، ئوخشىتىپ ياساش ياكى كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ! 新ICP备17000329号-1 UI & CODE BY ZENJIR