ھەمىمىزگە مەلۇم ھەرقانداق بىر شەئىنىڭ ئالدى بىلەن تاشقى قىياپىتى بىلەن ئۇچۇرشىمىز ،تاشقى قىياپەت كىشىدە تۇنجى تەسىرنى قالدۇردۇ .
دىمەك سىزنىڭ دۇككىنىڭزنىڭ خېرىدارغا بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى دۇككان ۋىۋىسكىسى بولۇپ ،بەزىدە ۋىۋىسكىڭىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ قانداق بولىشى يېڭى خېرىدارلارنىڭ دۇككانغا كىرىش –كىرمەسلىكىنى بەلگىلەپ دۇككىنىڭزنىڭ ھايات –ماماتىغا تاقىلىدۇ. دۇككان ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۇككىننى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېسىىدە تۇتۇشىنى ئارزۇلايدۇ ،ياخشى لايىھەلەنگەن بىر ۋىۋىسكا دۇككاندىكى مەھسۇلاتنى نامايەن قىلالايدۇ ،ھەمدە ئېستىمالچىلاردا كۈچلۈك سېتىۋېىلىش قىزغىنلىقى ۋە سېتىۋېلىش ئىستىكى پەيدا قىلىدۇ .
دۇككان ۋىۋىسكا لايىھەسىدە كۈچلۈك ساھە تەلىپى بار بولۇپ ،ھەرقايسى ساھەلەردىكى ۋىۋىسكىلارنى ياساشتا ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەر نامايەن بولىشى كېرەك ،ۋىۋىسكا چوقۇم دۇككان لايىھەسىنىڭ ئۇسۇلۇبىغا ئۇيغۇن قىلىپ لايىھەلىنىشى ھەم دۇككان ماركا مەدىنيىتىنى گەۋدىلىنىشى، دۇككاندىكى تەشۋىق قىلىدىغان نەرسە گەۋدىىلەندۇرلىشى لازىم .
كۆركەم ھەم جەلىپ قىلارلىق ۋىۋىسكىلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئالدى بىلەن شۇ دۇككاننىڭ تىجارەت خارەكتىرى ،شۇنداقلا شۇ دۇككانغا قويماقچى بولغان ئىسىم ھەم دۇككان ۋىۋىسكا ئورنى(چوڭ –كىچىكلىكى ،ئۇزۇن قىسقىلىقى) قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ،
مەسلەن تاماقخاننىڭ ۋىۋىسكىسىنى مىسالغا ئالساق ئالدى بىلەن دۇككان ۋىۋىسكا ئورنى قانچە چوڭ بولسا خېرىدارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىمۇ نىسپەتەن چوڭ بولىىدۇ،ئاندىن تاماقخانا ۋىۋىسكىسىغا يىزىلماقچى بولغان ئىسىمنىڭ قىسقا ياكى ئۇزۇنلىقى شۇ ۋىۋىسكا ئورننىڭ چوڭ –كىچىكلىكى بىلەن ماس كىلىشى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋىۋىسكا تەگلىك رەڭگنىڭ ۋە خەت ماتېرىيالىنىڭمۇ قانداق رەڭدە قانداق شەكىلىدە بولىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم چۈنكى ئىسىم ئۇزۇن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇن كۆپ بولغان ئەھۋاللاردا ۋىۋىسكا ئورنى كىچىك بولسا مۇۋاپىق ماتېرىيال ۋە ياخشى بولغان ياساش ئۇسۇلىنى ئويلاشمىسا ۋىۋىسكىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ ،تاماقخانغا نىسپەتەن ۋىۋىسكا تەگلىك رەڭگىنىڭ ئىللىق كىشگە يۇمشاق تەسىر بېرىشى كېرەك ، بىر قاراشتننلا كىشىگە تاماقخانا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشى شەرت،
شىركىتىمىز ئون يىلدىن بۇيان ئېلان ئشلەش ياساش كەسپىدە
توختاۋسىز ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارتىپ ئۆلچەملىك زاۋۇت رايونى كەسىپى كولىكتىپ ،ئىلغار تېخنىكا پۈتۈن
يۈرۈشلۈك ئاپتۇماتلاشقان ئۈسكۈننىلەر، شۇنداقلا ئشلەپ چىقىرىش سېتىش بىر
گەۋدىلەشكەن، بىرلا جايدا تېز مۇلازىمەت قىلىشتا شىركەت سۈپەت ۋە
ئېناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ رايونىمىزدىكى
ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسنىڭ ئېلان ياساشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە
ھۆددىسىدىن چىقىپ كىلۋاتقان ئېلانچىلىق شىركىتى، تۆۋەندە شىركىتىمز مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ تاماملىغان ۋىۋىسكا ئۆرنەكلىرىدىن ئاز
بىر قىسم ۋىۋىسكا ئۆرنەكلىرى يوللاندى،